يىڭى قىستۇرما _ ئامانلىق قوغدىغۇچى
ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: قىستۇرما | ئاپرىدە بولغان ۋاقتى:2011-يىل11-ئاي18-كۈنى |1,676 قىتىم
توربەت ۋە بلوگ ئاچقانلارنىڭ بولۇپمۇ ئىجادى يازما يازىدىغانلارنىڭ يازما چىقارغاندا ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى كۆچۈرمىكەشلەرنىڭ تىما ئوغىرلىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ، شۇڭا ھەر ئاماللارنى قىلىپ ئوغىرلىققا قارشى ئۇسۇللارنى قوللىنىپ باقىدۇ، مانا بىز بلوگگىرلارمۇ ھەم شۇنداق، بۇرۇن بىز بلوگبۇس يازغان ۋاقىتلاردا شۇنداق كودلارنى قويۇپ ئىشلىتەتتۇق، بۇرۇن ماڭا بىرسى مۇشۇنداق قىستۇرما بارمۇ دەپ سورىغان، مەن بىلمەيدىكەنمەن دەپ جاۋاب بەرگەن، مانا بۈگۈن تور ئارلاۋىتىپ ئۇچىرتىپ قالدىم،شۇڭا تەرجىمە قىلىپ دوستلارغا تارقىتاي دەپ مانا بۇ يازمىنى يىزىپ ئولتۇردۇم، شۇنداقلا قىستۇرمىغا ئامانلىق قوغدىغۇچى دەپ نام قويدۇم، چۈنكى ئامانلىق قوغدىغۇچى دەل مۇشۇنداق خىزمەلەرنى ئۆتەيدۇ ئەمەسمۇ؟
قىنى ئەمىسە چۈشۈرۋىلىڭلار!
قىستۇرما ئەسلى نامى: blog-protector
يىڭى قويغان نامىمىم: ئامانلىق قوغدىغۇچى
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئۇيغۇرچە بولغانكىن دىمىسەممۇ بولار.
قىنى چۈشۈرۋىلىڭ: چۈشۈرۈش
يازما خەتكۈچى:ئوغىرلىق, ساقلىنىش
يازما ئادرىسى:http://www.alxat.net/2735.html
ئەسكەرتىش: يازما كۆچۈرسىڭىز مەنبە ئەسكەرتىڭ

باش بەت

ئەلشاتجان،ئۇسلۇبلار بىلوگىغا نېمە بولدى؟ۋوردپېرەسچىلەر مۇنبىرى چىقىشى بىلەنلا تاقىۋەتمىگەندىمىز؟؟؟
ياق ياق، ئۇزۇنغا قالماي ئىچىلىدۇ، بوشلۇق كۆچۈش سەۋەبى بىلەن ھازىرچە تاقاق
ئەجرىڭىزگە رەھمەت ناھايىتى مۇھىم،ئېسىل قىستۇرمىلارنى تېپىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تەمىنلەۋاتىسىز.سىزنىڭ بۇ ئەمگىكىڭىزگە بىز جاۋاپ قايتۇرالمىساق ئاللاھ ئىگەم ئەجىر بېرەر.مۇشۇنداق خاسىيەتلىك پائالىيىتىڭىز ئۈزۈلمىگەي!
ماڭىلام ماس كىلىدىغان قىستۇرمىكەن ماۋۇ.

ئەجرىم ئەڭ يىڭى يازمام.. WordPressئۇيغۇر مۇنبىرى ئۈچۈن كىچىككىنە لايىھە.
ماڭىمۇ لازىم ئېدى، چۈشۈرىۋەردىم ئەمىسە! (ئېلان چېكىۋېتىپ چۈشىرەي جۇما!)
ئۆزقان ئەڭ يىڭى يازمام.. ئىبرەتلىك ماقال-تەمسىللەر(3)
قىستۇرمىلار بارغانسىرى سەر خىل بۇلۇپ كىتىپ بارىدۇ، قىستۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيۋاتىمىز دېسە!
تۇران تېكىن ئەڭ يىڭى يازمام.. موڭغۇلىيە كېيىنكى دۇبەي بولۇپ قالامدۇ ؟
بۇ خىل قىستۇرمىلار بىلوگىمىز ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق ، مەن خەنزۇچە تور بەتلەردە نۇرغىلىغان پايدىلىق قىستۇرمىلارنى كۆردۇم ، مەنمۇ ۋاقىت يار بەرسە ،پايدىلىق قىستۇرمىلارنى تەرجىمە قىلىپ ،ھەممىمىزنىڭ ئورتاق تەرەقىقياتى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن!
بىلوگخۇمار ئەڭ يىڭى يازمام.. 80سىكۇنىت ئىچىدە يەرشارنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى كۆرەمسىز !
بۇ بەكمۇ ياخشى قىستۇرما ئىكەن ،رەھمەت سىزگە،ماڭا پايدىلىق تىمىلارنىلا يوللاۋاتىسىز.
تور بىكەت كودىنى كۆرۇشتىن ساقلاش قىستۇرمىسى بارمىدۇ؟
پاراۋوز بلوگى ئەڭ يىڭى يازمام.. wordpress خەۋەر تورى ئۇسلۇبى
بۇ قىستۇرمىنى ھەممە ئۇسلۇپتا ئىشلەتىكىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ،ئالدىنقى قىتىملىق ئۇسلۇپتا نورمال ئىدى،ئۇسلۇپ ئالماشتۇرسام نورمال بولمىدى.ئۇسلۇپ بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ،ئەجرىڭىزگە رەھمەت